Uyghur–Chaghatay

ئەبجەد

Latin (ULY)
ebjed
Cyrillic
әбҗәд

Meaning in Chaghatay

  1. ابجد
    ئە. ئەرەپ ئېلىپبەسىدىكى 28 ھەرىپنى سەككىز گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، ھەر بىر گۇرۇپپىدىكدى ھەرپلەرنى بىر - بىرىگە قوشۇپ ياسىغان سەككىز ياسالما سۆزنىڭ ئومۇمىي نامى ۋە بىرىنچىسىنىڭ ئوقۇلۇشى. بۇ سۆزلەر: ابجد (ئەبجەد)، هوز (ھەۋۋەز)، حطى (ھۇتتى)، كلمن (كەلەمەن)، سعفص (سەئفەس)، قرشت (قەرەشەت)، ثخذ (سەخخەز)، ضظغ (زەزەغ) دىن ئىبارەت. كونا مەكتەپلەردە بالىلارنىڭ ھەرپلەرنى ئۆگىنىش باسقۇچىدا شۇ سەككىز سۆز مەخسۇس كىچىك تاختىغا يېزىپ ئوقۇتۇلغان ۋە بۇنداق ئوقۇتۇش «تەئلىمى ئەبجەد» (تعليم ابجد) دەپ، بۇ سۆزلەرنى ئوقۇشقا كىرىشكەنلەر بولسا «ئەبجەدخان (ابجدخوان)» دەپ ئاتالغان. بۇ سۆزلەردىكى ھەرپلەر يەنە يۇقىرىدىكى تەرتىپ بويىچە 1، 2، 3، 4، 5، 6، 7، 8، 9، 10، 20، 30، 40، 50، 60، 70، 80، 90، 100، 200، 300، 400، 500، 600، 700، 800، 900، 1000 سانلىرىغا ۋەكىللىك قىلغان بولۇپ، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى شېئىرلاردا، ھىجرىيە يىلى قاتارلىق سانلار ھامان شۇ ھەرپلەردىن تۈزۈلگەن سۆزلەر ئارقىلىق (ئەبجەد ھېسابى بىلەن) ئىپادىلەنگەن.

Related Uyghur words

Use the dictionary on your phone — plus Uyghur music and audiobooks — in the Uyghurman app.

Get the iOS app