Uyghur–Uyghur (explanatory)
تاڭ
- Latin (ULY)
- tang
- Cyrillic
- таң
Definition
-
رەۋ «قالماق» ياردەمچى پېئىلى بىلەن كېلىپ بىرەر نەرسىگە قاتتىق ھەيران بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ : ئۇنى كۆرۈپ ھەممىمىز تاڭ قالدۇق .
-
ئى 1. كۈن چىقىشنىڭ ئالدىدىكى پەيت ، سۈبھى ، سەھەر : تاڭ ئاتماق . تاڭ يورۇماق . 2. كۆچمە . بىرەر نەرسە ياكى ئىشنىڭ باشلىنىش پەيتى ، دەسلەپكى دەۋر : ئازادلىق تېڭى .
-
ئىم . جۈملىدە «بىلمەيمەن ، خەۋىرىم يوق» دېگەندەك ئېنىقسىزلىق جاۋاب ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ : ئۇنى ئالىم ئاكىسىنىڭ ئاۋازى ئويغىتىۋەتمىگىنىدە ، يەنە قاچانغىچە ئۇخلار ئىدىكىن - تاڭ؟!// - مەجلىس قاچان ئېچىلىدىكەن؟ - تاڭ ، خەۋرىم يوق .
-
تەق . قاتتىق جىسىملارنىڭ بىر - بىرىگە ئۇرۇلۇشى ، سوقۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز .
Related Uyghur words
Use the dictionary on your phone — plus Uyghur music and audiobooks — in the Uyghurman app.
Get the iOS app