Uyghur–Uyghur (explanatory)

داۋا

Latin (ULY)
dawa
Cyrillic
дава

Definition

  1. ئى . دىئال 1.گىرىژ ، يەنى سېرىق ئەتنىڭ يىرىلىپ كېتىشى بىلەن ئۈچەي خالتىسىغا چۈشۈپ قېلىپ ، تاشاق يوغىناپ كېتىدىغان بىر خىل كېسەل ؛ پورداق . 2. كۆچمە . ھەرىكىتى چەبدەس بولمىغان ، يولنى تېز ماڭالمايدىغان كىشى ، سۆرەلمە ، قاشاڭ .
  2. ئى . جازا ، ئەدەب : داۋىسىنى بەرمەك . داۋىسىنى يېمەك .
  3. ئى[ ئە ] 1. كېسەلنى ساقايتىش چارىسى ، دورا - دەرمەك : ئاغرىقنىڭ سەۋەبىنى بىلمىگۈچە ،داۋاسىنى تاپقىلى بولمايدۇ . 2.پايدىلىق ۋاسىتە ، شىپا : ساپ ھاۋا - تەنگە داۋا (ماقال) .3. كۆچمە . ئامال ، ئىلاج ، چارە : كۆيۈك داۋاسى . ئىشق داۋاسى .
  4. ئى . يەرلىك ئۇسۇلدا رەخت بوياش ماتېرىيالى قىلىنىدىغان يۇلغۇن چېچىكىنىڭ بىر خىلى .

Related Uyghur words

Use the dictionary on your phone — plus Uyghur music and audiobooks — in the Uyghurman app.

Get the iOS app