Uyghur–Uyghur (explanatory)
شال
- Latin (ULY)
- shal
- Cyrillic
- шал
Definition
-
ئى[ پ ] مەلۇم قېلىنلىقتا ۋە مەلۇم كەڭلىكتە تىلىنغان ياغاچ : قاپقاراڭغۇ كېچە ، قەدىردىن دېرىزىلىرىگە شال قېقىلغان سىنىپنى ئايلىنىپ كېتەلمىگەنگە يېرىم سائەتتىن ئاشتى .
-
ئى . قەدىمكى دەۋرلەردە جىنايەتچىلەرنىڭ بوينىغا سېلىنىدىغان تاختاي ، تاقاق : تاقاقنىڭ ئۈستىگە كىيدۈردى شالنى ، سېلىشتى گۇندا ئۈستىگە ئىشكەلنى .
-
ئى[ پ ]{بوت } باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق ، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك . دانلىق زىرائەتلەر قاتارىدا ئۆستۈرۈلىدۇ دېنى (گۈرۈچى) ئىستېمال قىلىنىدۇ .
-
ئى[ پ ] يۇڭدىن توقۇلغان قېلىن تىۋىتلىق رومال : - ئالدىمدا ماڭ - تۇر - دېدى ، باتۇر يۈرەك ئۆمەرجان . چۈشتى ئاتنىڭ ئالدىغا ، شال يېپىنغان جاسۇس خان .
-
ئى . ئېغىزدىن ئاققان شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ، شۆلگەي : - بۆرىسى يوق جاڭگال ، ئوغرىسى يوق يۇرت نەدە بار؟ - دېدى بەگ غەزەپ بىلەن شالىنى چېچىپ ، - بىزنىڭ يېڭىساردا ئوغرى يوقمۇ؟ مەن بىلىمەن .
Related Uyghur words
Use the dictionary on your phone — plus Uyghur music and audiobooks — in the Uyghurman app.
Get the iOS app