Uyghur–Uyghur (explanatory)
ياشلىق
- Latin (ULY)
- yashliq
- Cyrillic
- яшлиқ
Definition
-
1. 1 ئى . ياش ۋاقىت : ياشلىقىڭدا ئىشلە ، قېرىغاندا چىشلە (ماقال) . * ياشلىقىنى قەدىرلىمىگەن ئادەم ، بىرئۆمۈر پۇشايمان قىلىدۇ . 2. سۈپ . ياشلارغا خاس ، ياشلارغا تەئەللۇق ، ياشلاردا بولىدىغان ؛ ياش ۋاقتىدىكى : ياشلىق غۇرۇر . ياشلىق ئىستەك . ياشلىق دەۋر .
-
سۈپ . . . . ياشقا كىرگەن ، ياشقا تولغان ؛ . . . ياشتىكى : ئۇلار دىلشاتنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە ، ئۇ ئىككى ياشلىق سىڭلىسىنى ئوينىتىپ ئولتۇراتتى . * شاخلىرى بەش تەرەپكە ئايرىلغان ، ئالتە ئادەمنىڭ قۇچىقى يەتمەيدىغان بۇ قارىياغاچ مۇشۇ يېزا بىلەن بىر ياشلىق ئىدى .
-
سۈپ . ياش بىلەن تولغان ؛ ياش قاپلىغان ؛ ياش ئېقىپ تۇرغان : ئايرىدى يۇرتتىن شۇ بىر ئېغىز سۆزۈم ، كەينىمدە قالدى مېنىڭ ياشلىق كۆزۈم .
Related Uyghur words
Use the dictionary on your phone — plus Uyghur music and audiobooks — in the Uyghurman app.
Get the iOS app