Uyghur–Uyghur (explanatory)

يىغىشتۇرماق

Latin (ULY)
yighishturmaq
Cyrillic
йиғиштурмақ

Definition

  1. پ 1. يېيىلغان ، چېچىلغان نەرسىلەرنى رەترېتى بويىچە يىغىپ ، بىر يەرگە جەم قىلماق ، رەتلىك توپلىماق ، يىغماق : ئۇ ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئوغلىنىڭ ئورۇنلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى . 2. بىرەر ئىش - پائالىيەت ئۈچۈن ۋاسىتە بولىۋاتقان تۈرلۈك نەرسە - كېرەكلەرنى يىغماق
  2. 4. كۆچمە . ئىش - ھەرىكەت ، پائالىيەتنى توختاتماق ، تاشلاپ قويماق ، بەرھەم بەرمەك : ئۇ كۈلكىلىرىنى يىغىشتۇردىدە ، جوزىغا بېشىنى قويۇۋېلىپ يىغلاشقا باشلىدى . 5. كۆچمە . يوقاتماق ، ۋەيران قىلماق : ئۇلار قاراقچىلارنى يىغىشتۇرۇپ ، ئۆتەڭنى تىنچلاندۇرۇپتۇ .
  3. 6. ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان نەرسىلەرنى يىغىپ ، ئۆز ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋالماق ، ئوڭۇشلۇق ھالدا يىغىۋالماق ، توپلاپ ئۆز ئىلكىگە ئالماق : - ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى بىل ، - دەپ ۋارقىرىدى توختاخۇن ، - بۇغداينى كېلىپ بىر كۈندىلا يىغىشتۇرۇپ بولىمەن . سەندەك نېمىلەرگە ئېغىرىمن

Related Uyghur words

Use the dictionary on your phone — plus Uyghur music and audiobooks — in the Uyghurman app.

Get the iOS app