Uyghur–Uyghur (explanatory)

چاقماق

Latin (ULY)
chaqmaq
Cyrillic
чақмақ

Definition

  1. ئى . ئېتىش قوراللىرىنىڭ مىشەككە تېگىپ ئوت ئالدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قىسمى ؛ تەپكە : مىلتىقنىڭ چاقمىقى .
  2. ئى . كىچىك ۋە ئەپلىك بولغان بىر خىل ئوت ياندۇرۇش ئەسۋابى . ئۇ يىقىلغۇسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ سۇيۇقلۇق چاقمىقى ۋە گاز چاقماق ؛ ئوت ياندۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تاشلىق چاقماق ۋە ئېلېكترونلۇق چاقماق دېگەنلەرگە بۆلۈنىدۇ : چاقماق تېشى . چاقماق يا
  3. ئى 1. بۇلۇت بىلەن بۇلۇت ياكى بۇلۇت بىلەن يەر يۈزى ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدىغان زەرەتسىزلىنىش ھادىسىسى ؛ يانغىن . 2. كۆچمە . ئۇچقۇن ، ئوت : ئىنتىقام چاقمىقى . غەزەپ چاقمىقى .
  4. پ 1. قاتتىق نەرسىلەرنى سۇندۇرۇپ ئوششاقلىماق؛ پارچىلىماق، ئۇشتۇماق، سۇندۇرماق: تاش چاقماق. ياڭاق چاقماق. 2. ئۇرۇپ، سۇندۇرۇپ بۇزماق، پاچاقلىماق: دەرۋازىنى چاقماق. قۇلۇپنى چاقماق. 3. كۆچمە. مالنىڭ قىممىتىنى بەلگىلىك بىرلىككە سۇندۇرماق، سېلىشتۇرماق: مالغا چاق
  5. سۈپ . تۆت بۇرجەك ، كۋادرات شەكىلدىكى ، چاسا شەكىللىك : چاقماق قەنت .

Related Uyghur words

Use the dictionary on your phone — plus Uyghur music and audiobooks — in the Uyghurman app.

Get the iOS app