Uyghur–Uyghur (explanatory)

ياش

Latin (ULY)
yash
Cyrillic
яш

Definition

  1. ئى . تۇغۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھايات كەچۈرگەن ، ياشىغان يىللارنىڭ سانى ؛ ئۆمۈر ئۇزاقلىقى : ئەقىل ياشتا ئەمەس ، باشتا (ماقال) . * يېشى ھەممىدىن چوڭراق ، ئۇزۇن كەكە ساقال ، ئاق يۈزلۈك ، ئورۇقراق كەلگەن بىرسى سۆز باشلىدى .
  2. ئى . ئېغىر قايغۇ ياكى زور خۇشاللىق نەتىجىسىدە كۆزنىڭ ياش بەزلىرىدىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان رەڭسىز سۇيۇقلۇق : ياش تۆكمەك . ياش چىقماق . * ئۇ يىغلىغان بولسا كېرەك ، قاپاقلىرى ئىششىغان ۋە كۆزلىرى ياش يۇقى ئىدى .
  3. 4. ياشلىققا ، ياشلىق دەۋرگە خاس : ياش كۈچ . ياش كۆڭۈل . * ئۇلارنىڭ چاچلىرى ئاقىرىپ كەتكەن بولسىمۇ ، روھىي جەھەتتىن ئۇلار ياش ئىدى . 5. كۆچمە . يېتەرلىك تەجرىبىگە ئىگە بولمىغان ، تەجرىبىسىز : - سەن تېخى ياش ، ھېچ ئىش كۆرمىگەن . تاغنىڭ ئىچىگە ئاپىرىپ باقىمە
  4. سۈپ 1. قېرى ئەمەس ، نەۋقىران : ياش ئادەم . ياش ئايال . * ياش ۋاقىتتا قىلغان ئىبادەت تاشقا مۆھۈر باسقاندەك (ماقال) . * مەن ئۇلارغا قارىدىم ، ئالدىمدا مېنىڭ مەھەللىكلىرىمدىن ياش ، قېرى بولۇپ ئوتتۇزچە كىشى تۇراتتى . 2. سۈيى قۇرۇمىغان ، نەملىكى تارقالمىغان ؛

Related Uyghur words

Use the dictionary on your phone — plus Uyghur music and audiobooks — in the Uyghurman app.

Get the iOS app